كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

مەخپىيەتلىك، لۇغەت ۋە تەكشۈرگۈچنىڭ چەكلىمىلىرى ھەققىدە ئەڭ كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار.

8 سوئال

سوئال ۋە جاۋابلار

Imla ھەقسىزمۇ؟

ھەئە. تىزىمغا ئېلىش، كىرىش ياكى ھەق تۆلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ. تەكشۈرگۈچ، يېزىق ئايلاندۇرغۇچ ۋە بارلىق قوللانمىلار ھەممىسى ھەقسىز.

تېكىستىم ساقلىنامدۇ؟

ياق. تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇلازىمېتىرغا پەقەت ئايرىم سۆزلەر ئەۋەتىلىدۇ، پۈتۈن جۈملە ياكى ھۆججەت ئەمەس. بۇ سۆزلەر ساقلانمايدۇ.

ھۆججەت ئېچىش (TXT، RTF، DOCX) پۈتۈنلەي ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىچىدە بولىدۇ — ھۆججەت ھېچقاچان يۈكلەنمەيدۇ.

شەخسىي لۇغەت نەدە ساقلىنىدۇ؟

شەخسىي لۇغەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تور كۆرگۈچىسىدە (localStorage) ساقلىنىدۇ ۋە مۇلازىمېتىرغا ئەۋەتىلمەيدۇ.

شۇڭا ئۇ باشقا ئۈسكۈنىڭىزگە ئۆزلۈكىدىن كۆچمەيدۇ، ھەمدە كۆرگۈچ سانلىق مەلۇماتىنى تازىلىسىڭىز ئۆچۈپ كېتىدۇ.

سۆزلەرنى ئۆزى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرامدۇ؟

ياق. Imla خاتا بولۇشى مۇمكىن بولغان سۆزلەرنى بەلگىلەيدۇ ۋە تەكلىپ كۆرسىتىدۇ، ئەمما ھەر بىر ئالماشتۇرۇشنى سىز تاللايسىز.

«ھەممىنى تۈزىتىش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزمۇ، ئۆزگەرتىلگەن ھەر بىر سۆز يېشىل چېكىتلىك سىزىق بىلەن بەلگىلىنىدۇ ۋە بىر قەدەم ئارقىغا يېنىش بار.

توغرا سۆز خاتا دەپ بەلگىلەنسە نېمە قىلىمەن؟

لۇغەتتە 441 مىڭدىن ئارتۇق سۆز بار، ئەمما كىشى ئىسمى، جاي نامى ۋە يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.

بۇنداق سۆزنى شەخسىي لۇغىتىڭىزگە قوشسىڭىز، كېيىن قايتا بەلگىلەنمەيدۇ.

گرامماتىكىنىمۇ تەكشۈرەمدۇ؟

ياق. Imla ئىملا تەكشۈرگۈچ — ھەر بىر سۆزنى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرىدۇ.

شۇڭا توغرا يېزىلغان، ئەمما جۈملە ئىچىدە خاتا ئىشلىتىلگەن سۆز بەلگىلەنمەيدۇ.

لاتىن يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچىنى تەكشۈرەمدۇ؟

تەكشۈرگۈچ پەقەت ئەرەب يېزىقىنى تەكشۈرىدۇ. لاتىنچە تېكىستىڭىز بولسا، ئالدى بىلەن يېزىق ئايلاندۇرغۇچ ئارقىلىق ئەرەب يېزىقىغا ئايلاندۇرۇڭ.

توردىن ئايرىلغاندا ئىشلەمدۇ؟

ئىملا تەكشۈرۈش تور ئۇلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى لۇغەت ئىندېكسى مۇلازىمېتىردا تۇرىدۇ.

ئەمما يېزىق ئايلاندۇرغۇچ، ھۆججەت ئېچىش ۋە شەخسىي لۇغەت تور بولمىسىمۇ ئىشلەيدۇ.

جاۋابى يوق سوئالىڭىز بارمۇ؟

تەكشۈرگۈچ خاتا نەتىجە بەرگەن بولسا ياكى لۇغەتتە بولۇشى كېرەك بولغان سۆز يوق بولسا، ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرىمىز ئارقىلىق خەۋەر قىلىڭ — بەتنىڭ ئاستىدىكى ئۇلانمىلارغا قاراڭ.